مەبلەغ سالغۇچى گۇرۇپپىلار ۋولكىسۋاگېنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تەنقىد قىلغان
2024.02.27
ياپونىيەنىڭ «ئاسىيا ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei Asia) گېزىتىنىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ (Volkswagen) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى تۈپەيلى مەبلەغ سالغۇچى گۇرۇپپىلار ۋە شىركەتلەر ۋولكىسۋاگېننى تەنقىد قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارماق شىركىتىگە ئائىت بولغان پايچېكىنى سېتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ فرانكفۇرت پاي چېكى 2022-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 21- كۈنىگە قەدەر %13 چۈشكەن.
ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىپ كەلگەن. ئەمما ۋولكىسۋاگېن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى رەت قىلغان ۋە خىتايدىكى تىجارىتىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرغانىدى.
2024-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى جەيمىستوۋن فوندى (Jamestown Foundation) تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.
ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋولكىسۋاگېننى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان، ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ۋولكىسۋاگېن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. لېكىن، دوكتور ئادرىيان زېنز ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىدى. بۇ، ۋولكىسۋاگېننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىشى ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى كېرەك.»