ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىكى 40 يىللىق شېرىكى بولغان شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ماشىنىلىرىنىڭ سېتىلىشى ئازلاپ، ئىشلەپچىقىرىشى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ نەنجىڭدىكى پاسسات (Passat) ئاپتوموبىل زاۋۇتى كېلەر يىلى تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 18-سېنتەبىر بەرگەن بۇ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى كېلەر يىلى نەنجىڭدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىلا ئەمەس، يەنە بىر قانچە زاۋۇتىنى تاقاشنى پىلانلىغان. چۈنكى بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللارغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كەتكەن. شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى 2 يىل بۇرۇنلا 1980-يىللاردا شاڭخەيدە قۇرۇلغان بىر زاۋۇتىنى تاقىۋەتكەنىكەن. بۇ گۇرۇھنىڭ نەنجىڭدىكى زاۋۇتى ئىلگىرى ھەر يىلى 360 مىڭ دانە پاسسات (Passat) ۋە سكودا (Skoda) ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى 1985-يىل ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ بۇرۇن چەت ئەل بىلەن شېرىكلەشكەن كارخانىسى ھېسابلىنىدىكەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودىسى ئىزچىل كاساتلاشقان، 2023-يىل بۇ گۇرۇھنىڭ خىتايدىكى 39 زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى چۈشۈپ كەتكەن، چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار ئىچىدە ئىگىلىگەن پايدا نىسبىتى 20 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى، كېيىنكى يىللاردا توك ئاپتوموبىللىرى ۋە توك-گاز موتورلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن، گاز يېقىلغۇ ئاپتوموبىللىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئازلاپ كېتىشى دەپ قارالماقتا ئىكەن.
گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتى 2013-يولى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تارماق زاۋۇتىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ رايوندا ئەۋج ئالغان قۇل ئەمگىكى مەسىلىسىگە چېتىلىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن ئىزچىل ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.
