خوتەن ۋالىيسى ئۇيغۇر كادىرلارنى «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» نى پاش قىلىشقا چاقىرغان


خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچى» كادىرلارنى پاش قىلىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خوتەن ۋالىيسى «خوتەندىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرمەسلىكى» دىكى سەۋەبنى ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» گە دۆڭگىگەن ۋە ئۇيغۇر كادىرلارنى بۇلارنى پاش قىلىشقا چاقىرغان.

خوتەن ۋالىيسى ئەزىز مۇسا شىنجاڭ گېزىتىدە 5-ماي ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچى» ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرىنى «كادىرلار قوشۇنىنىڭ نومۇسى، ‹3 خىل كۈچ› لەرنىڭ قولچومىقى، مىللەتنىڭ خائىنى» دەپ ھاقارەتلىگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئىككىيۈزلىمىچى» كادىرلار «ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان، ھەتتا پارتىيە مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولسىمۇ، كاللىسىدا بۆلگۈچىلىك، ئۆچمەنلىك تولۇپ تاشقان، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، خىتاي كادىرلارنى ئۆچ كۆرىدىغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقىدىغان كىشىلەر» ئىكەن.

ئۇ يەنە، ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىچى ئۇيغۇر كادىرلار ھەققىدىكى تەرىپلىرىنى داۋام قىلىپ ئۇنداق دېگەن: «ئۇلار پارتىيەگە كىرگەندە قەسەم بېرىپ پارتىيە بىلەن ماڭىمىز، دەيدۇ-يۇ، ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە دىنغا ئىشىنىدۇ، ئىچىدە پارتىيەگە قايىل بولمايدۇ، ھىمايە قىلمايدۇ، پارتىيەنىڭ تاقىمىنى يەپ، پارتىيەنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، پارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدۇ.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، كادىرلار ئارىسىدا «ئىككىيۈزلىمىچى» لەر چىقىپ قالسا ئۇلار «ئۇچ خىل كۈچ» لەرگە چاپان يېپىش رولىنى ئۆتەيدىكەن.

ئۇ ئاخىرىدا باشقا ئۇيغۇر كادىرلارغا خىتاب قىلىپ ئۇلارنى «كۆزىنى تۆت ئېچىشقا، مەيدانى مۇستەھكەم ۋە بايرىقى روشەن ھالدا‹ ئىككىيۈزلىمىچىلەر› نى پاش قىلىش» قا دەۋەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئاشكارىلىغان كادىرلارنى پاش قىلىش ھەققىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىدە، پاش قىلىنغان كادىرغا بېرىلگەن جازانىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ، پاش قىلغۇچىغا 10 مىڭ سومدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.