خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەرەب-ئىسلام ۋەكىللىرى ئۆمىكىنى بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن ئىسرائىل ۋە غەززە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەرەب-ئىسلام ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ ئىسرائىل ۋە غەززە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭنى تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىشى ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىجابىي رولىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ».
خىتاي، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن ئىسھاق سىتۇن فىش ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولغان لىنكېدىن (Linkedin) دا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاينىڭ پەلەستىننى قوللىشى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى بىلەن ‹تىنچلىقنى يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى› خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى مەيداندا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ». ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىسرائىل ۋە غەززە توقۇنۇشىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ بىلگەچكە، ئەرەب-ئىسلام ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىپ ئىسرائىل ۋە غەززە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتا كېلىشتۈرگۈچى بولۇۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب-ئىسلام ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سالغاندەك بولۇۋېلىشى، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن.
ئەرەب-ئىسلام ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىسرائىل ۋە غەززە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تاللىغان ئىككىنچى بېكىتى رۇسىيە بولۇپ، ئۇلار 11-ئاينىڭ 21 كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگى لاۋاروۋ بىلەن موسكۋادا كۆرۈشكەن.