ۋانكوۋېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن
28-سېنتەبىر كۈنى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ھىندىلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر، ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-28 -
-
-
28-سېنتەبىر كۈنى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ھىندىلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر، ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىشچىلار يەنە خىتايدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ تىبەت، ئۇيغۇر دىيارى، خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى «ھىندىستانغا تەۋە زېمىنلار» دىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زوراۋانلىقلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ غەرب دۆلەتلىرىدىكى ھىندىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇقلار قاتناشقان خىتايغا قارشى بۇ خىل بىرلەشمە نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلىشى ياكى ئۇنىڭدا يېتەكچىلىك رول ئوينىشىدۇر. ھىندىستاندىكى خەلقئارا ئاسىيا خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ (ANI) خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە يۈز كىشى قاتناشقان نامايىشنى ۋانكوۋېردىكى «كانادا-ھىندىستان دوستلىرى» تەشكىلاتى، كانادا تىبەت كومىتېتى، خىتاي ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى، ۋانكوۋېر دېموكراتىيىنى قوللاش جەمئىيىتى، ۋانكوۋېردىكى خوڭكوڭلۇق سىياسىي ئاكتىپلار، ۋانكوۋېر ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق 7 ئاممىۋى تەشكىلات ۋە گۇرۇھ تەشكىللىگەنىكەن.
نامايىشچىلار تىبەت بايرىقى، تەيۋەن بايرىقى، شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلاشقان، كانادا جەمئىيىتى ۋە ھۆكۈمىتىنى خىتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. بۇ، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى كانادانىڭ غەربىدىكى ئۆلكىلەردە خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن 2-نامايىشتۇر. 25-سېنتەبىر كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەدمىنتون شەھەرلىك پارلامېنت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېرلىرىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرغانىدى.