«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن 20-يانۋار ئوبزور ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشنىڭ مەشق مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
جوش روگېننىڭ ئوبزورى ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى مىليادېر، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى NBA نىڭ قارمىقىدىكى «ئالتۇن شتات جەڭچىلىرى» كوماندىسىنىڭ پايچەك ھەسسىدارى چاماس پالىخاپىتىيانىڭ «بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە كارىمىز» دېگەن سۆزى ئامېرىكا جامائەت پىكىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.
جوش روگېن «بېيجىڭ ئولىمپىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشنىڭ مەشق مەيدانى بولۇپ قالدى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا، ۋەھشىلىككە سۈكۈت قىلىشنىڭ باشقا ئىش، زالىملارنىڭ جىنايىتىنى ئاقلىشىغا ياردەم قىلىشنىڭ باشقا بىر ئىش ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ: «ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتايدا كېلەر ئاي باشلىنىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئورتاقلىرىنى كۆز ئالدىدىمىزدا ۋەھشىلىكنىڭ ئىنكارچىلىرىغا ئايلاندۇردى،» دېگەن.
ئۇ يەنە يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلېي ۋېسېلنىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋېسېلنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «بېيجىڭ ئولىمپىكىگە چېتىشلىق ھەربىر شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ۋەھشى مۇئامىلىسىنى يېپىشىغا ھەمدەمدە بولۇشتىن يىراق تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار» دىگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقنى ب د ت نىڭ كېلەر ھەپتىدىكى يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدە تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جوش روگىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىەرغىنچىلىقى بىلەن «نىمە كارىمىز» دېيىش قولايدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق تەنھەتكەتچىلەر، شېركەتلەر، خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىكى ھەركىتى 1936-يىلدىكى ئولىمپىكتەك ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۇنتۇلمايدىكەن. ئۇ، شۇڭا «ھەر بىرىمىز تارىخنىڭ قايسى تەرپىدە تۇرۇشنى قاتتىق ئويلىشىشىمىز كېرەك» دىگەن.