«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن 10-فېۋرال كۈنى مەزكۇر گېزىتتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەرھىيلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن خىتاينى ئۆزگەرتىشنى ئەمەس، ئۇنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدىكەن.
جوش روگېن ئوبزورىدا پرېزىدېنت بايدېننىڭ سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولسمۇ، بىراق ئەمما ئۇنىڭ ئىجرائاتلىرىىنىڭ قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
جوش روگېن «بايدېن خىتاينى ئۆزگەرتىشنى ئەمەس، ئۇنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ» ماۋزۇلىق ئوبزورىدا مۇنداق دېگەن: «ۋاشىنگتون ۋە بېيجىڭدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەيران قالغىنى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسەن سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى-قارشىلىشىش ئاساسىدا بولمىسىمۇ-تېخىمۇ رىقابەتچى ئاساستا ئېلىپ بېرىشى بولدى. بۇ ئىككى پارتىيە قانۇن تۇرغۇزغۇچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ خىتاي چوڭ قەدەم بىلەن ئارقىغا چېكىنگەنسېرى داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ.»
جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاينى چەكلەش ھازىرقى ھۆكۈمەت ۋە پارتىيەلەر ھالقىغان ئىستىراتېگىيە بولۇپ، بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى تاشقىي سىياسەتتىكى ئەڭ مۇھىم تەڭشەش» ئىكەن. ئۇ يەنە كۆپ قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا ئىقتىسادىي سىستېمىغا تولۇق قاتناشسا، بىر كۈنى بىزگە تېخمۇ ئوخشايدۇ، دېگەن خىيالنى ئەمدى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بۇنىڭ ئەكسىچە (ئۇلارنىڭ) نىشانى ھۇجۇم ئاستىدىكى خەلقئارا سىستېمىسىنى مۇداپىيە قىلىش، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، مۇستەبىتلىككە قارشى ئىنسانىيلىقىمىزنى تەشكىل قىلغان نېگىزلىك قىممەت قارىشىمىز ئۈچۈن كۈرىشىشتۇر،» دېگەن.