«ۋاشنگتون پوچتىسى» : خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىلا ئەمەس، جىسمانىي قىرغىنچىلىق

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-17
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرى ب د ت نىڭ 1948-يىل ئېلان قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» ماددىلىرىغا ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەنىدى.

«ۋاشنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 16-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭىدىن ئاشكارىلانغان بىر دوكلاتتا بېرىلگەن مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىلا ئەمەس، جىسمانىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا ئىسپاتلىغان.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، «بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش، تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىش، بالىلىرىنى تارتىۋېلىش، نوپۇس كۆپىيىىشنى چەكلەش» قاتارلىق جىنايەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

ئۆتكەن يىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە 43. 7 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ 1950-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۆۋەنلەش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى. يېقىندا ئادرىيان زېنىز ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن بۇ نوپۇس كېمىيىشنىڭ جەنۇبتىكى 4 ۋىلايەت-ئوبلاستتا ئەڭ ئېغىر بولغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، 2020-يىل ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 94 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغان مارالبېشى ناھىيەسىدە ھۆكۈمەت چۈشۈرگەن تۇغۇلۇش نىسبىتى كۆرسەتكۈچى 2017-يىلدىكى 51. 53 پىرسەنتتىن بىراقلا 4. 15 پىرسەنتكە چۈشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شىددەت بىلەن ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، بىر ياقتىن خىتاي ئائىلىلىرىنىڭ كۆپ بالىلىق بولۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.

خەلقئارا قانۇن بويىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق چوڭ جىنايەت بولۇپ، مەيلى ئۇرۇش ياكى تىنچلىق دەۋرىدە بولسۇن، چوقۇم چەكلىنىشى ۋە جازالىنىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما يۇقىرىقى ئەھدىنامىگە قول قويغان خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلدىن بېرى بۇ قانۇننى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىماي كەلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت