ۋاشىنگتون پوچتىسى: «دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشىغا يەنە قانچىلىك كۆز يۇمىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.07.15

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى يەنە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىشىغا دائىر يېڭى دەلىللەرنىڭ بايقالغانلىقى، بۇ خىتاينىڭ رايوندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ گېزىتنىڭ 13‏-ئىيۇل ئېلان قىلغان مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتا ياتاقلىق مەكتەپ ۋە يېتىمخانىلاردا مېڭە يۇيۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەخسۇس بالىلارغا قۇرۇلغان مېڭە يۇيۇش ۋە تۈرمىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل سىستېما «خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە» ئىكەن. «خىتاي ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارماقتا، دۇنيا بۇنىڭغا يەنە قانچىلىك كۆز يۇمىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زەنزنىڭ يېقىندا «سىياسىي خەۋپ» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى «قاتتىق بىخەتەرلىك ئاستىدىكى مەركەزلەشتۈرۈلگەن ياتاقلىق ئەسلىھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ»، ئۇلارغا قارىتا يېپىق مۇھىتتا مېڭە يۇيۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى جايلاردا بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى 4 ھەسسە ئارتقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ مەملىكەت سەۋىيەسىدىن 12 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ماقالىدە، ئادرىئان زەنزنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئاتا-ئانىلارنىڭ لاگېرلاردا غايىب بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «دۇنيا بۇنىڭغا يەنە قانچىلىك كۆز يۇمىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلغان. بۇ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان 12‏-قېتىملىق تەھرىرات ماقالىسىدۇر. مەزكۇر گېزىت ئىلگىرىكى تەھرىرات ماقالىلىرىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى تېزرەك ماقۇللاشقا، ترامپ ھۆكۈمىتىنى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىرىپ كەلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.