«ۋاشنگىتون پوچتىسى» : خىتايدىن كىرىدىغان ماللاردىن يۇقىرى باج ئېلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك

19-ئىيۇل «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزۇردا، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللار بىلەن خىتايدىكى سانائەت بۇلغىنىشىنىڭ ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ خىتاي ماللىرىدىن يۇقىرى باج ئېلىش كېرەكلىكى، خىتايدىن كىرىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى بىلەن ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقىنى چۈشۈرگىلى بولمايدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئوبزۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايدىن كىرىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئازايتىش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلىمەكچى بولغان. بۇ پۈتۈنلەي خاتا تەدبىر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن دۇنيانى خىتاينىڭ ماللىرى بېسىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ماللارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خىتاي زاۋۇتلىرى ھەر يىلى نۇرغۇن ئەخلەت، زەھەرلىك گاز ۋە زىيانلىق بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىدىكەن. پۈتۈن دۇنيادا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون بۇلغىمىلىرى ئىچىدە خىتاي 31 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي ۋە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پارنىك ھاۋاسى پەيدا قىلىدىغان كاربون بۇلغىمىلىرى يېرىمدىن كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن ھەمدە بۇ نىسبەت بارغانچە ئۆرلەۋېتىپتۇ.

«دۇنيانىڭ زاۋۇتى» دەپ ئاتالغان خىتاي ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ ھاۋا كىلىماتىنى ئەڭ بۇلغاۋاتقان دۆلەت بولۇپ، خىتايدىكى توكنىڭ 60 پىرسەنتى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، كۆمۈر بولسا ھاۋانى ئەڭ بۇلغايدىغان يېقىلغۇ ئىكەن. ئامېرىكىدا بولسا بۇ نىسبەت 22 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ئامېرىكا بازارلىرىنى قاپلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەكلەر، كىرئالغۇلار، ئويۇنچۇقلار خىتاينىڭ ئەنە شۇ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان زاۋۇتلىرىدىن چىقىدىكەن.

ئەگەر خىتايدىن كىرىدىغان ماللارغا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇلسا، خىتايدىكى زاۋۇتلار خىتايدىن يۆتكىلىدىكەن، ئامېرىكانىڭ ياساش سانائىتى گۈللىنىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، زاۋۇتلار كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان خىتايدىن يۆتكىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن زاۋۇت ماڭدۇرىدىغان ئامېرىكا ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەلسە مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن.