«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «خىتاي ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى توختاتمىغىچە ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلماسلىق كېرەك»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14-سېنتەبىر «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى توختاتمىغىچە ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلماسلىق كېرەك» دېگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىنىڭ مەخسۇس ئوبزۇرچىسى، نيۇ-يورك ئاسىيا جەمئىيىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئىساك ستون فىش (Isaac Stone Fish) دىسنېينىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن «مۇلەن» ناملىق فىلىمنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، دىسنېي شىركىتىنىڭ خىتاي سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان رايوندا بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئالغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە «دىسنېي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى چوڭ سەتچىلىك، شۇنداقلا كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بىر ئىش،» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە ياردەم قىلماقتا ئىكەن. شۇڭا بارلىق دۆلەتلەر ۋە شىركەتلەر خىتاي بىلەن بولغان سودىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، تاكى خىتاي ئۇيغۇرلارغا بۇ قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزۈشنى توختاتقانغا قەدەر شۇنداق قىلىشى كېرەك ئىكەن. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تىرىشچانلىقلار شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى قىسقا مۇددەتتە ۋەيران قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بىز خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت