«ۋاشىنگتون پوچتىسى»: خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىشى كېرەك

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 22‏-ئۆكتەبىر باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ «خىتاي ئاجايىپ غارايىپ مېڭە يۇيۇش ئورۇنلىرىنى تاقىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزىگە قارىتا ئېلان قىلغان.

شۆھرەت زاكىر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاقلىغان. ئەمما ئۇنىڭ سۆزى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە 6-قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىشىدۇر.

باش ماقالىدا خىتاينىڭ بىر مىليون يۈز مىڭدەك كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلاشتەك بۇ ئەھۋال بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى، دائىرىلەر بۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دەپ ئاقلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بەزى يامان غەرەزلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

باش ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يامان غەرەزنىڭ مەقسىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مۇسۇلمان ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خىتاي تىلى ۋە كوممۇنىستىك ئىدىيەنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىكەن».

باش ماقالىدە شۆھرەت زاكىرنىڭ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ئورۇنلارنى پەردازلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «ھەقسىز تىل ۋە كەسپىي تەربىيە» كۆرۈۋاتقانلىقى، «ئاشخانىلارنىڭ ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ياتاقخانىلىرىغا رادىيو، تېلېۋىزور، سوۋۇتقۇچ، ھاجەتخانا، مۇنچا ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «ئەگەر شىنجاڭدىكى بۇ ئورۇنلار ھەقىقەتەن زەرەرسىز كەسپىي مەكتەپلەر بولسا، ئۇنداقتا خىتاي ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئورۇنلارنى ئېچىۋېتىشى ۋە خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشى كېرەك» دېگەن.

باش ماقالىدا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 10‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەجبۇر تۇتقۇنلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى، تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي مارش ئېيتىش، قىستاڭچىلىق، ناچار تاماق، تەن جازاسى، تۇنجۇقتۇرۇش، ئۇخلاتماسلىق، كىيىم-كېچەكسىز قېلىشتەك نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.