«ۋاشىنگتون پوچتىسى» ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈەنگولارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكادىكى نوپۇزلىق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگولارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى…. ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى چەكلىگەنلىكى، ئىشچىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە يوللىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇنىڭغا كىم جاۋابكار، دېگەن سوئال پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كىم بۇيرۇق چۈشۈردى؟ خىتاي رەھبىرىدىن باشقىسىغا قارىماڭ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى يېقىندا ئاشكارىلانغان يېڭى ھۆججەتلەر ۋە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھۆججەتلەر ئۈستىدىن چىقارغان خۇلاسىسى، «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شى جىنپىڭ ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرۇلغان مەقسەتلىك سىياسىي قارار» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

يېقىندا لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش، «تۇتقۇن قىلىشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلىپ قاماش» توغرىسىدىكى يوليورۇقىغا ئائىت يېڭى «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» نى ئېلان قىلغانىدى.

ماقالىدە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانى 2014-يىلى 5-ئايدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى بىر بازارغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن شەكىللەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «ئۇيغۇر ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىنسانلىققا قارشى يوشۇرۇن جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن جىددىي سوئاللارنى پەيدا قىلدى. شىنجاڭ ھۆججەتلىرى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە پۈتۈن بىر خەلقنىڭ ئۈمىد، غايىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە» دېيىلگەن.