«ۋاشىنگتون پوچتىسى» خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى ئاشكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-15
Share

ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئېرىشكەن يېڭى ھۆججەتلەر خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت پروگراممىلىرىغا قاتناشقانلىقىمنى ئاشكارلىغان. بۇ گېزىتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار خۇاۋېينىڭ تور بېتىدىن بۇنىڭغا ئائىت ئەندىشە قىلارلىق نەرسىلەرگە ئېرىشكەن. خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقانلىقى يېڭىلىق بولسىمۇ، بىراق بۇ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا دائىر دەلىللەرنىڭ ئ‍اشكارلىنىشىدۇر.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خۇاۋېينىڭ ئۇلار ئېرىشكەن ۋە تەرجىمە قىلغان «پاۋېر پوئىنت» چۈشەندۈرۈشىدىن، ئۇنىڭ «شىنجاڭدىكى ئەمگەك، قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى ۋە نازارەت سىستېمىسىنىڭ تېخنىكىلىق قۇرلۇشىغا ئارلاشقانلىقى مەلۇم بولغان.» خەۋەردە بۇ دەلىللەر خۇاۋېينىڭ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جازالاشقا قاتناشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» بۇ ھۆججەتكە خۇاۋېي بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدىن ئېلىۋېتىشتىن بۇرۇن ئېرىشكەن ئىكەن.

خەۋەردە بۇ ھۆججەت خۇاۋېينىڭ باشقا شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان بىر قانچە سىستېمىغا ئائىت تەپسىلى ئۇچۇرلارنى، شۇنداقلا 2014-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى مېتا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى ئانچە دىققەت قوزغىماي كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت