«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە تەكشۈرمەسلىكى زور ئەخلاقىي مەغلۇبىيەت»

«ۋاشىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە 28-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە تەكشۈرمىگەنلىكىنىڭ زور ئەخلاقىي مەغلۇبىيەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە تەكىتكلىشىچە، بۇ ئەرزدە «خىتاينى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس،» دېگەن سەۋەبنى كۆرسەتكەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئىككى خىل ئولچەم قوللانغان. ماقالىدە ئۇنىڭ سەۋەبى قارىماققا يوللۇقتەك كۆرۇنسىمۇ، بىراق باش تەپتىش بەنسودانىڭ خىتايغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتنى ئوخشاشلا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان ئامېرىكاغا كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە تەكشۈرمەسلىكى زور ئەخلاقىي مەغلۇبىيەت» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ھەركىتى، CIA نىڭ ياۋروپادىكى تۈرمىلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈپ، بىر قانچە كىشىنى جازالىغان بولسىمۇ، بىراق بەنسودانىڭ بۇنى يېتەرلىك، دەپ قارىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە تەكىتلىشىچە، ئامېرىكانىڭ جازاسىنى يىتەرلىك، دەپ قارىمىغان بەنسودا، خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاكتىپ باستۇرىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەرگە ھېچقانداق گەپى يوقتەك كۆرۈنمەكتە ئىكەن.

«شەرقىي تۇركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» ئىلگىرى خىتاينى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلغان. بىراق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ئەزا ئەمەسلىكى، شۇڭا دەلىللەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلىقىنى باھانە قىلىپ، بۇ ئەرزنى تەكشۈرمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دىكى ماقالىدە ئامېرىكانىڭ دېلوسى 15 يىل بۇرۇنقى 80 دەك قۇربانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش جىنايىتىگە ئالاقىدار دېلو ئىكەنلىكى، لېكىن خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق قۇربانغا سىستېمىلىق تەن جازاسى بېرىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغماس قىلىشەك ۋەھشىلىكلەر بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «شەك-شۇبھىسىزكى، سوتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىنى قاچۇرۇشى زور ئەخلاقىي ۋە مۇئەسسەسەۋى مەغلۇبىيەتتۇر،» دېيىلگەن.