ۋاتىكان پوپى فىرانچىس بۈگۈن قىلغان سۆزىدە، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پوپ فىرانچىس بۇ سۆزلەرنى فىلىپپىنگە يولغا چىقىش ئالدىدا قىلغان.
ئۇ سۆزىدە يەنە، پارىژدىكى ژۇرنال ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى تەنقىد قىلدى ۋە خۇدانىڭ نامى بىلەن قىلىنغان بۇنداق بىر زوراۋانلىقنى كەچۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى، بىراق، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭمۇ مەلۇم بىر نۇقتىلارغا كەلگەندە بىر چېگراسىنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ دىنىي ئەقىدىلەرگە كەلگەندە ئۇنىڭغا چەك قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن : سەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلساڭ بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ دىنىغا ھاقارەت قىلساڭ، ئۇنى چۈشۈرسەڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىر چېكى بولۇش كېرەك.
پوپ فىرانچىس بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئوخشاش كۈندە يەنە، پارىژ شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتىدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ دەپن مۇراسىمى بولدى. مىڭلىغان كىشى مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئۇلارنى ئاخىرقى سەپىرىگە ئۇزاتتى.
