ۋاتىكان تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىش مەسىلىسىدە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

ۋاتىكان بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى چېركاۋلارغا پوپ بېكىتىشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، ۋاتىكان بۇ جەھەتتە كۈچلۈك تەنقىدلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

بۈگۈن «كانادا» ناملىق خەۋەر بېتىدە، «پوپ خىتايدىكى خرىستىئانلارنى بېيجىڭنىڭ زالىم رېجىمىغا تاشلاپ بەردىمۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئوبزوردا ۋاتىكان پوپى فىرانچىسنىڭ دۇنيادىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى، كىلىمات ۋە ئاياللارغا قارشى زوراۋانلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر دائىم ھەق تەرەپتە تۇرۇپ ئادىللىق بىلەن پىكىر بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا كەلگەندە ئوخشاش مەيداننى ئىپادە قىلالمىغانلىقى، ئەكسىچە خىتاي ئىچىدىكى چېركاۋلارغا پوپ بېكىتىشتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشكەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىغىمۇ خۇددى ئۆز ئىچىدىكى تىبەت بۇددىستلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بېسىم قىلغانغا ئوخشاش بېسىم قىلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى بېسىم ۋە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىگە ئايلانغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرى، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە دىنغا قارشى تەشۋىقات قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە، ۋاتىكان دائىرىلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا يۇقىرىقىدەك بېسىم قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن كېلىشىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر پاكىتلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ۋاتىكان بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى چېركاۋلارغا پوپ بېكىتىشتە ئىزچىل زىددىيەتلىشىپ كەلگەن. بىراق خەۋەرلەردىن ئىككى تەرەپنىڭ بۇ نۇقتىدا كېلىشكەنلىكى ۋە خىتايدا 100 دىن ئارتۇق چېركاۋ پوپىنىڭ خىتاي قوللايدىغان كىشىلەردىن تاللىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ۋاتىكاننىڭمۇ رازى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خوڭكوڭنىڭ سابىق كاتولىك كاردىنالى جوسېف زېن بولسا ۋاتىكاننى «خىتايغا سېتىلدى» دەپ قاتتىق تەنقىدلىگەن ئىدى.