ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت سوۋېت ئارخىپلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئائىت بىر قىسىم سوۋېت ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىشقا كىرىشكەن.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئائىت بىر قىسىم سوۋېت ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، مەزكۇر ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا ئائىت ئۇيغۇر دىيارى ۋەقەلىرى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان ھەربىي - سىياسىي، سودا - ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ماتېرىياللىرىمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەن.

يېقىندىن بۇيان مەزكۇر تېمىغا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى شېڭ شىسەي دەۋرى،يەنى 1934 - 1943 - يىللارغىچە، ۋە 1944 - 1949 - يىللارغىچە بولغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىدۇر.

ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم ئارخىپ ماتېرىياللىرىمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەن. بۇ ئارخىپلارمىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قەدەممۇ - قەدەم مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ۋودروۋ ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى توپلىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، خىتاي مۇتەخەسسىسى شېن جىخۇا ئېلان قىلغان توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

رۇسىيەدىمۇ ئارخىپ ئىشلىرى راۋاجلىنىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئارقىمۇ - ئارقىدىن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سوۋېت ئارخىپلىرىنى بىر قانچە توملار بويىچە نەشىر قىلدى ۋە قىلماقتا. ئەلۋەتتە، رۇسچە ئېلان قىلىنغان ئارخىپلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ ئامبىرىغا كىرگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org