ۋىيېتنامدا 1979-يىلىدىكى ۋىيېتنام-خىتاي چېگرا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ خىتايغا قارشى شوئارلار توۋلانغان
2016.02.17
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا 1979-يىلىدىكى ۋىيېتنام-خىتاي چېگرا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلار توۋلانغان.
ۋىيېتنام-خىتاي چېگرا ئۇرۇشىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش دەل خىتاينىڭ ۋىيېتناممۇ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پاراسىل تاقىم ئاراللىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورناتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋىيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدا 1979-يىلى يۈز بەرگەن چېگرا ئۇرۇشى قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقان، ئەمما ئىنتايىن قانلىق بولغان. ئۇرۇش خىتاي قىسىملىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ۋىيېتنام بولسا بۈگۈنگىچە ئۆزىنىڭ فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيىلىرى بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى رەسمىي يوسۇندا خاتىرىلەيدىكەن، بىراق خىتاي بىلەن قىلغان بۇ چېگرا ئۇرۇشىنى رەسمىي يوسۇندا خاتىرىلەپ باقمىغان ئىكەن. بۇ نۆۋەت نامايىشقا چىققان 64 ياشلىق بىر كونا ئەسكەر فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە «بۇنىڭ رەسمىي يوسۇندا خاتىرىلەنمەسلىكى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال. بىز بۇ ئۇرۇشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يېقىندىن بۇيان قاتتىق پوزىتسىيىسى ۋە ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋىيېتنام خەلقىدە خىتايغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتىكەن. بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشىمۇ شۇنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن.









