بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا مىڭلىغان نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئار توۋلاپ، 1988-يىلىدىكى خىتايچە نەنشا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتاۋاتقان سپراتلى ئارىلىنى تالىشىش ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋىيېتنام ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلىگەن.
مەلۇمكى، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى خىتايغا قوشنا ئەللەرنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالغان.
مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەھدىتى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن خانويدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋىيېتناملىقلار خىتاينىڭ سپراتلى ئارىلىنى ۋىيېتنامغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
1988-يىلى خىتاي ئارمىيىسى ۋىيېتنامنىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى سپراتلى ئارىلىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاپ، گاكما ئارىلىنى بېسىۋالغان ھەمدە 64 نەپەر ۋىيېتنام ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
خانويدىكى نامايىشلار ۋىيېتنام كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۇپراق مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويۇپ كەلگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
