ۋىيېتنام خىتايدىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى

بۈگۈن، 9-ماي كۈنى ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ مەزكۇر تەۋەلىكتە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى- تەرز پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە جىددىيچىلىكنى يۈكسەلدۈرۈپ، رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي تالاش-تارتىشتىكى مەزكۇر تەۋەلىكتە 7 سۈنئىي ئارال پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭغا رادار قاتارلىق بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن ۋىيېتنامنىڭ نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ تەۋەلىكتىكى ئەسلىھەلىرىنىڭ تىنچلىق قۇرۇلۇش ۋە مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

باياناتچى خۇا چۈنيىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە جەنۇبى دېڭىزدا جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋاتقان تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە تەرەپلەرنىڭ بۇ جىددىيچىلىكنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئامېرىكا تەرەپ ئىزچىل ھالدا خەلقئارا سودىنىڭ جان تومۇرى دەپ قارالغان مەزكۇر تەۋەلىكتە قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سپراتلىي ئارىلىغا يېقىندا ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىي ئەسلىھەلىرى تەۋەلىكتە ئىگىلىك ھەققى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان فىلىپپىننىمۇ ئەندىشىگە سالغان. فىلىپپىندىكى بىر پارلامېنت ئەزاسى يېقىندا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەگەر چەتئەل ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆز ئاراللىرىمىزدىكى مەۋجۇتلۇقىنى تېخىچە ھېس قىلالمايۋاتقان بولساق، بىزدە ئېغىر دەرىجىدە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى بار بولغان بولىدۇ» دېگەن.