ۋىيېتناملىقلار ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ۋىيېتنامنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ۋىيېتنامدا ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى بەرپا قىلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
پىلاكات ۋە شوئارلىرىدا خىتايغا ۋىيېتنامنىڭ بىر غېرىچ يېرىنى بىر كۈنلۈككىمۇ ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان نامايىشچىلار، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ۋېيتنامدىن يەر ئىجارە ئېلىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچتۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خەلقنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقىدىن چۆچۈگەن ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلىشنى 10-ئايغا كېچىكتۈرگەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ۋىيېتناملىقلارنىڭ خىتايغا يەر ئىجارە بېرىشكە قارىتا نارازىلىقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەر ئىجارىگە ئالغان دۆلەتلەرگە ئىشچى يۆتكەپ چىقىشى ۋە مۇھىت بۇلغىشى قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي زىيانلىرىدىن باشقا سىياسىي بىر زىيان، يەنى ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىتاي تەرەپتىن كېلىۋاتقان تەھدىتمۇ سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز تېررىتورىيەسىدە سۈنئىي ئاراللارنى پەيدا قىلىشى ۋىيېتنام قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.
