ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يالغان خەۋەر بېرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 18-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى بايانات بېرىپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىدىكى «موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتور شەھىرىدىكى ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىدا ۋىيېتنام باش مىنىستىرى يۈەن چۈنپۇ جۇڭگو باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ مەيدانىنى قوللايدۇ» دەپ خەۋەر بېرىشى«يالغانچىلىق» دەپ تەنقىدلىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدىكى «ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە سانىدا، جۇڭگو خەلق گېزىتىنىڭ خىتايچە سانلىرىدا ۋىيېتنام باش مىنىستىرى يۈەن چۈنپۇنىڭ پوزىتسىيىسى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەر راستچىل بولمىغان. چۈنكى ۋىيېتنام باش مىنىستىرى يۈەن چۈنپۇ ئەينى چاغدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېىياڭغا ‹شەرقىي دېڭىز يەنى جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز دەپ قارايدىغان دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ۋىيېتنام خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى قوللايدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ› دېگەن، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى ۋىيېتنام باش مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ خەۋەر قىلغان» دەپ تەنقىدلىگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا يەنە، ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خەلقئارا سوتنىڭ 12-ئىيۇل چىقارغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بەرگەن باياناتىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.