ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 4-مارت كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە دوكلات بەرگەندە، خىتاينى ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتتىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.
ۋولكېر تۈركنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەققىياتتا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق بۇ تەرەققىياتنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ۋولكېر تۈرك بۇ چاقىرىقنى ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن 2022-يىلى 11-ئايدىن بېرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئاكتىپ بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋولكېر تۈرك 4-مارت جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن يەنە (خىتاي) ھۆكۈمىتىنى مېنىڭ ئىشخانام ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قانۇن، سىياسەت ۋە ئەمەلىي ئىجرائاتلارغا قارىتا بەرگەن تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىمەن.»
ۋولكېر تۈرك ئىلگىرى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتنىڭ 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئون نەچچە مىنۇت بۇرۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» نىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باچىلېتنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرىىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەۋسىيەنى ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلماي كەلدى.
ۋولكېر تۈرك، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ب د ت ئالاقىدار مېخانىزملىرىنى ئىشقا سېلىشقا چاقىرىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ 4-مارت قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن بولغان دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋولكېر تۈركنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئىشخانىسى خىتاي بىلەن ئۇنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى، جىنسىي باراۋەرلىك، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش، پۇقرالار ئەركىنلىكى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى ساھەلىرىدىكى دىيالوگىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.»
ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرى چىقماس بۇ خىل دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ خىتايغا ۋاقىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.