ۋولكس-ۋاگېن شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
گېرمانىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان نىدازاكسىن شتاتلىق ھۆكۈمىتى يەنى «لوۋەر ساخوني» گېرمانىيە «يېشىللار پارتىيەسى» نىڭ ۋولكس-ۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىجارىي پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىش مەسىلىسىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-09 -
-
-
گېرمانىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان نىدازاكسىن شتاتلىق ھۆكۈمىتى يەنى «لوۋەر ساخوني» گېرمانىيە «يېشىللار پارتىيەسى» نىڭ ۋولكس-ۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىجارىي پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىش مەسىلىسىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن.
«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار بۇنىڭغا قايتۇرغان جاۋابىدا خىتاينىڭ غەربىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋولكس-ۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە شاڭخەي بىلەن ئورتاق ھەمكارلىق ئاستىدىكى بۇ زاۋۇت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يوقلۇقى، زاۋۇتتىكى 650 نەپەر ئىشچىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇس ئالاھىدىلىكى بىلەن ماسلىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
نىدازاكسىن شتاتلىق ھۆكۈمىتى ۋولكس-ۋاگېن شىركىتىنىڭ 20 پىرسەنتلىك پاي چېكىگە ئىگە بولۇپ، شتات باشلىقى ستېفان ۋېيل ۋولكس-ۋاگېن شىركىتىنىڭ رەئىسلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى ئىكەن. ئۇ «يېشىللار پارتىيەسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ۋولكس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا نۆۋەتتە يىلىغا 50 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىق ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ شىركەتكە ئائىت باشقا مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىدىن بولغان ۋولكس-ۋاگىن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ھېربېرت دايېس 2019-يىلى 4-ئايدا شاڭخەيدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقاندا BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. مۇخبىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «قايتا تەربىيە» نامىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى قاماپ قويغانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن ئۇ: «مەن ئۇنىڭغا باھا بېرەلمەيمەن. مېنىڭ ئەھۋالدىن خەۋىرىم يوق» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ جاۋابى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.