ساقچى دائىرىلىرى ۋۇكەندىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەردىن 13 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 13-سېنتەبىر كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇفېڭ ناھىيىسى ۋۇكەن كەنتىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنچىتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ 13 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى كۈچلىرى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرگە قارىتىپ كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە رېزىنكە ئوق ئاتقان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى ئاھالىلەر 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەن كەنت باشلىقى لىن زۇليەننى قويۇپ بېرىش، يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى.

ۋۇكەن يېزىسىدا 2012-يىلى، خەلق ئاشكارا سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى خالىغان لىن زۇليەننى ۋۇكەن كەنتىنىڭ كەنت باشلىقىغا سايلىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا گۇاڭدۇڭنىڭ ۋۇكەن كەنتىدىكى خەلقنىڭ مەزكۇر ئەركىن سايلىمى كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، ئەمما، بۇ يىل 18-ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭ لۇفېڭ ناھىيە ساقچى دائىرىلىرى لىن زۇليەننى پارىخورلۇق قىلمىشىنى تەكشۈرۈش نامى بىلەن تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.

8-سېنتەبىر كۈنى لىن زۇليەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى ۋە 400 مىڭ سوم جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋۇكەندىكى قوللىغۇچىلىرى بۇ ھۆكۈمدىن نارازى بولغان.

ئاھالىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، لۇفېڭ ساقچى تەرەپ 13-سېنتەبىر كۈنى تاڭ سەھەردە كۆپ ساندا جامائەت خەۋپسىزلىك، قوراللىق ۋە ئالاھىدە ساقچىلارنى ۋۇكەنگە ئەۋەتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارغان. لۇفېڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، كىشىلەرنى نارازىلىق پائالىيىتىگە زورلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت