ۋۇكەن كەنتىدىكى 9 دېھقان جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى دائىرىلەر سوت ئېچىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفىڭ شەھىرى ۋۇكەن كەنتىدىكى 9 نەپەر دېھقاننى قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ 2 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

دائىرىلەرنىڭ ۋۇكەن كەنتىدە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغان 9 دېھقاننى جازالىشى، چەتئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋۇكەن كەنت پۇقراسى جۇاڭ لېخۇڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ: «دائىرىلەرنىڭ ۋۇكەندە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ چىرىكلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان دېھقانلارنى بۇنداق ئېغىر جازالىشى، خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بەرگۈچىلەرنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېدى. رادىيومىز ۋۇكەن يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، ۋۇكەندىكى دېھقانلارنىڭ 9 نەپەر كەنت پۇقراسىنىڭ جازالىنىشىغا قارىتا پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل سەزگۈر مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرقانچە يىل ئىلگىرى، خىتايدا تۇنجى بولۇپ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق كەنت باشلىقىنى سايلاپ چىققانلىقى بىلەن خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ۋۇكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا خەلقئارا تاراتقۇلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققەت نىشانى بولماقتا.