ۋۇخەن شەھىرىدە دورا تولۇقلىمىسى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن پۇقرالار نامايىش قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.02.08

2-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋۇخەن شەھىرىدە دەم ئېلىشقا چىققان ئون مىڭلىغان ئىشچى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىش قىلغان.

ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ئايدا ئۇلارغا بېرىدىغان 260 يۈەندىن ئارتۇق دورا تولۇقلىما پۇلىنى ئازلىتىپ 83 يۈەنگە، يىللىق دورا ئاتچوت سوممىسىنى 4000 يۈەندىن 1300 يۈەنگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ھۆكۈمەتتىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ۋىدىيونى تىۋىتتېرغا چىقارغان جېنىفېر زېڭ ئىسىملىك بلوگېرنىڭ ئىزاھات بېرىشىچە، بۇ نامايىشنىڭ ئالدىدا بىر خىتاي ئايال تورغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىراقلا ئازلىتىۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ گەپ قىلغان بولۇپ، سۆزلىرى توردا كەڭ تارقالغان. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشى ۋۇخەندە دەم ئېلىشقا چىققان 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ساغلاملىق كاپالىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ئىش ئىكەن؛ ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تېخىمۇ چوڭ نامايىش بولىدىكەن.

جېنىفېر زېڭنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئازلىتىشى خىتايدىكى ئىقتىسادىي كىرزىس بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىدا بەزى دورىلار چىقىرىۋېتىلگەن.

ۋۇخەن شەھىرى كوۋىد ۋىرۇسى ئەڭ بۇرۇن تارقالغان شەھەر بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە دورىنىڭ قىس بولۇشى ياشانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.