ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 22-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە خىتايغا ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىلىرىغا تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىشكە يول قويۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مايك پومپېيو شۇ كۈندىكى سۆزىدە بۇ ئېھتىماللىقنى قەتئىي ھالدا ئىلگىرى سۈرگەن.
پومپېيو مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەككى، خىتايدا مۇرەككەپ كېسەللىك مىكروبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبىخانىلار ھېلىھەم ئوچۇق. ئۇ پەقەت ۋۇخەندىكى ۋىرۇس ئىنستىتۇتىدىلا ئەمەس.»
مايك پومپېيو يەنە «بۇ ماتېرىياللارنىڭ تاسادىپىي ھالدا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىخەتەر ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم،» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سۆزى داۋامىدا يەنە خىتاي تەرەپنىڭ تېخىچە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئەڭ بۇرۇن بايقالغان ئەۋرىشكىسىنى ئورتاقلاشمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ گۇمان ۋە ئەندىشە قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پومپېيو ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «بىزدە يەنىلا ۋىرۇسنىڭ ئەۋرىشكىسى يوق، خىتاي ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس پەيدا بولغان ئورۇنلارغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.»
ئامېرىكا ھازىر بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە ھەقىقەتنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى دۇنيادا كەڭ ئومۇملاشقان بىر كۆز قاراشقا ئايلاندى.
