خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى جامائەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىغانلىقى تەنقىد قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى جامائەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىغانلىقى تەنقىد قوزغىدى. ئامېرىكادىكى «The Hill» ناملىق گېزىتتە 28-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ بىئولوگىيەلىك چېرنوبىلى-ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئوخشاش يالغانلار» ماۋزۇلۇق بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى جامائەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىغانلىقى تەنقىد قوزغىدى. ئامېرىكادىكى «The Hill» ناملىق گېزىتتە 28-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ بىئولوگىيەلىك چېرنوبىلى-ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئوخشاش يالغانلار» ماۋزۇلۇق بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە 1986-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېرنوبېلدىكى يادرو ۋەقەسىنى ئاممىدىن قانداق يوشۇرغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ قېتىم ۋۇخەندە بايقالغان يېڭى تىپلىق ۋىرۇسنى شۇنداق يوشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە، دىكتاتورلارنىڭ مەيلى تەبىئىي ئاپەت بولسۇن ياكى سۈنئىي كەپ چىققان ئاپەت بولسۇن، ھەرقانداق ئاپەتنى ئاممىدىن يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە يول ئېچىشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ۋۇخەندىكى دوختۇرلار ئەسلىدە 8-دېكابىر كۈنى تۇنجى كورونا ۋىرۇسى يەنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى بايقاپ بولغان. ئەمما ھۆكۈمەت تاكى 30-دېكابىر كۈنىگىچە ئاممىنى بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇستىن خەۋەردار قىلمىغان. ئەكسىچە بۇ ھەقتە جامائەتنى ئاگاھلاندۇرغان كىشىلەرنى «ئىنتېرنېت تورىدا ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دەپ جازالىغان. نەتىجىدە ئارىلىقتا ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ بولغان 3 ھەپتە زىيان قىلىۋېتىلگەنلىكتىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ۋىرۇس كونترول قىلغۇسىز ھالغا كەلگەن. كىشىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغىنى، ۋۇخەن دائىرىلىرى شۇ ئارىلىقتا يەنە ۋۇخەندىكى ئاممىغا يېڭى يىللىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە 130 مىڭدىن ئوشۇق كىشى قاتنىشىپ ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ئاتالمىش جەمئىيەت مۇقىملىقى جۈملىدىن ئۆز ھاكىمىيىتىگە خەۋپ پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەدىلىگە بۇ كېسەللىكنى ئاممىدىن يوشۇرغان. خىتايدا ۋۇخەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 15 شەھەرنىڭ قامال ئاستىغا ئېلىنىشى ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىدىن ھەتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىدە كەچ قېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ماقالىدە يەنە، خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەن رەسمىي رەقەمنىڭ ئەكسىچە 100 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئاللىقاچان بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«The Hill» دا ئېلان قىلىنغان بۇ مۇلاھىزە ماقالىسىنى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر پروفېسسورى برەدلىي تېير ۋە «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» مۇئاۋىن باشلىقى خەن لىيەنچاۋ بىرلىكتە يازغان. ئۇلار ماقالىسىدە مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغان: «بۇ يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا قىلغان كرىزىس تېخى يېڭى باشلاندى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىزگە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ يەنى ئوچۇق-ئاشكارىلىق بولمىغان، ئەركىن ئاخبارات، ئەركىن پىكىر بولمىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىرادىگە ھۆرمەت قىلىشتىن مەھرۇم بولغان بۇ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنىڭ بۇنداق زور كرىزىسلارنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق تراگېدىيەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە»

ئۇلار ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۇنىڭ باشقا خاتالىقلىرى بىلەن بىرلىكتە تارىخقا يېزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org