خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا يۇقۇملانغانلار 6 مىڭدىن ئاشقان، ئۆلگەنلەر 140قا يېتەي، دېگەن

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ياكى «كورونا ۋىرۇسى» نامىدىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلەر تېز كۆپەيمەكتە.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ياكى «كورونا ۋىرۇسى» نامىدىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلەر تېز كۆپەيمەكتە.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر ۋىرۇستا يۇقۇملانغانلار 6 مىڭدىن ئېشىپ، ئۆلگەنلەر 132 كە يېتىپ بارغان. تىبەت خىتايدا ھازىرغىچە مەزكۇر ۋىرۇس بايقالمىغان بىردىن بىر رايون ئىدى. لېكىن 29‏-يانۋار كۈنى تىبەتتىمۇ مەزكۇر ۋىرۇستا يۇقۇملانغان بىر كىشى بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا مەزكۇر ۋىرۇس بايقالمىغان ھېچقانداق ئۆلكە ۋە رايونى قالمىدى.

خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا 28‏-يانۋار بىر كۈننىڭ ئىچىدە 1459 يېڭىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلار بىراقلا 30% ئارتقان. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 840 نەپىرى ۋىرۇس مەركىزى بولغان خۇبېيدا بايقالغان. مەزكۇر ئۆلكىنىڭ ئۆزىدە ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇستا ئۆلگەنلەرنىڭ 125 كە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 3554 كە يېتىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەن شەھىرىنى قامال قىلىپ، شەھەرگە كىرىش-چىقىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا بايقالغان ۋىرۇسنى كونترول قىلىشتا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كېچىككەنلىكى ئەڭ كۆپ سورالغان سوئالدۇر. نۆۋەتتە، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29‏-يانۋار كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كورونا ۋىرۇسىغا قارشى «پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئاخبارات يىغىنىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي سالامەتلىك پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى مايك راين، خىتاينىڭ بەزى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن كورونا ۋىرۇسى پەيدا قىلغان خىرىسنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگان 30‏-يانۋار يىغىن ئۆتكۈزۈپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك جىددىي سالامەتلىك مەسىلىسىگە ئايلانغان ياكى ئايلانمىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org