ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا يۇقۇملانغانلار 13 كە يەتتى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ، ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭەيگەن تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى- «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ مەزكۇر رايوندا 13 كە يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ، ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭەيگەن تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى- «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ مەزكۇر رايوندا 13 كە يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دائىرىلەر 28‏-يانۋاردىن بۇرۇن مەزكۇر ۋىرۇستا يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ 10 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ 28‏-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا قەيت قىلىنىشىچە، 28‏-يانۋار كۈنى مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يېڭى بىمارلاردىن 3 ئى بايقالغان. ئۇقتۇرۇشتا، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە، بىرىنىڭ غۇلجىدا بايقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 13 بىمارنىڭ 6 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 4 نەپىرى ئىلى ئوبلاستىدا، بىرى تۇرپاندا، بىرى بىڭتۇەن 7-دېۋىزىيەسىدە، يەنە بىرى شىخەنزە شەھىرىدە بايقالغان. 28‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە يېڭى بايقالغان جىن فامىلىلىك يۇقۇمدار خىتاي ئايال بۇنىڭ ئالدىدا بايقالغان جاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي ئەركەكنىڭ ئانىسى ئىكەن. جاڭ فامىلىلىك خىتاي يۇقۇمدار 214‏-يانۋار كۈنى بايقالغانىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ياكى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، جاڭ فامىلىلىك بۇ كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى قانداق يۇقتۇرۇۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋىرۇس مەركىزى بولغان خۇبېيغا يىراق، شۇنداقلا نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقۇمدارلار ئەڭ كۆپ بايقالغان ئالدىنقى قاتاردىكى رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ۋۇخەندە ۋىرۇس پارتلاپ نۇرغۇن ئۆلكىلەر ۋۇخەن بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ۋۇخەن بىلەن قاتناش ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس رايونىدىن قاچقان نۇرغۇن گۇمانلىق يۇقۇمدارلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېقىپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يۇقۇمدارلار بىلەن ئۇچراشقان 307 كىشىنىڭ ئىزىنى قوغلىماقتىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org