30-يانۋار كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى «ساغلاملىق بويىچە يەرشارى خاراكتېرلىك جىددىي ھالەت» دەپ ئېلان قىلدى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ باشلىقى تېدروس گەبرىيەسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى بۇ ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدا» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ سەھىيە سىستېمىلىرى ئاجىز دۆلەتلەرگە يېيىلىشىنىڭ زور ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ببچ نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس دۇنيا مىقياسىدا خىتايدىن باشقا يەنە 18 دۆلەتتە بايقالغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 98 نەپەر. يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسەن ۋۇخەنگە بارغانلار بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى 8 نەپىرى ۋۇخەنگە بارغانلاردىن ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلار ئىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تېدروس گەبرىيەسۇس بۈگۈن جەنۋەدە بەرگەن باياناتىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى «كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقۇم» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى خىتايدا ۋە دۇنيا مىقياسىدا تېز سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان بىر شارائىتتا 30-يانۋار كۈنى رۇسىيە خىتاي بىلەن بولغان چېگراسىنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئارقىدىن يەنە بېرىتانىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا يوللىرى خىتايغا قاتنايدىغان ھاۋا قاتنىشىنى بىكار قىلدى. ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىمۇ خىتايغا ئۇچىدىغان سەپەرلىرىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2009-يىلىدىن بۇيان «قۇش زۇكامى»، «ئېبولا ۋىرۇسى» ۋە «زىكا ۋىرۇسى» قاتارلىقلار بويىچە 4 قېتىم جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.