ۋۇخەندە ۋىرۇستىن «ساقايتىلغان» بىمارنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتايدا ۋىرۇستىن ساقايغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بىمارنىڭ 5 كۈندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 36 ياشلىق لى لىياڭ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كېسەللىك ئالامىتى بىلەن دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ 14 كۈن دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن، دوختۇرلار ئۇنىڭ ساقايغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دوختۇردىن چىقىرىۋەتكەن. بىراق بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشقان. لى لىياڭ 2-مارت كۈنى ئەتىگەندە دوختۇرخانىغا قايتىپ بارغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەۋەردە ۋۇخەن سەھىيە كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم قەغىزىنىڭ رەسىمىمۇ بېرىلگەن.

بىراق، «جەنۇبىي خىتاي سەھەرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۇچۇر ئالدى بىلەن شاڭخەيدىكى بىر خۇسۇسىي تور بەتتە چىقىرىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەرنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ھەدەپ خىتايدا بىمارلارنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتقانلىقى ۋە يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقاندا ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئەينەن مەلۇم قىلمايۋاتقانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىد قىلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ۋىرۇسنىڭ قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقىمۇ كۈچلۈك ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلە بوپقالدى.