«ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئاتالغۇسى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ بۇنى قەتئىي ھالدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

CNBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 10-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تاجسىمان ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنىڭ خىتاي ئۈچۈن قەستەن قىلىنغان بىر ھاقارەت بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بەزى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى ‹خىتاي ۋىرۇسى› دەپ ئاتىشى تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى!» دېگەن. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ۋابا گەرچە ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلانغان بولسىمۇ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى خىتاي بولۇشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىر بۇنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆتكەن ھەپتىلەردىن بۇيان خىتايدا بارغانسېرى زورىيىۋاتقان «تاجسىمان ۋىرۇس ئامېرىكىدىن ياكى باشقا غەرب دۆلىتىدىن بىزگە كىرگەن» دېگەن پىكىرلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «بىز بۇنىڭ نەدىن باشلانغانلىقىنى بەكمۇ ياخشى بىلىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن ئاتالغۇغا قارشى تۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا چۈشكەندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. بەزىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە پىكىر يېزىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ئىسپانىيە زۇكىمى»، «ئېبولا ۋىرۇسى»، «گېرمانىيە چېچىكى» دېگەندەك كۆپلىگەن تارقىلىشچان كېسەللىك ناملىرىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ خاپا بولمىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن سۆزدىن رەنجىشىنىڭ پۈتۈنلەي يولسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىتالىيەلىك جەمئىيەتشۇناس ماسسىمو ئىتروۋىگنىي بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ بۇنى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قېتىملىق ۋىرۇسنى خىتايسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممىلا نەرسىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم ئۇلار قائىدىنى بۇزۇپ بۇ ۋىرۇسنى خىتايسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى. شۇنىڭدەك بىر قىسىم خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ھازىر بۇ ۋىرۇسنى قەستەن «ئىتالىيە ۋىرۇسى»، «ئىران ۋىرۇسى» ياكى «ياپونىيە ۋىرۇسى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايغا چەتئەلدىن كىرگەنلىكىنى تەكىتلەش، شۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭنى ۋىرۇسقا قارشى قەھرىمان قىلىپ كۆككە كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.