خىتاي ھۆكۈمىتى «كورونا ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار يوق» دەپ ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-03-11
Share

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 11-مارت بەرگەن خەۋىرىدە 10-مارت، سائەت 0 دىن 24 كېچە بولغان ئارىلىقتا تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشكەن ئومۇمىي سانى 76، ئۆلگەنلەر سانى 3، دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققانلار سانى 73، يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار يوق، دەپ ئېلان قىلغان.

ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئېشىپ بارماقتا. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ 11-مارتتىكى كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا مىقياسىدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 120000 دىن ئاشقان بولۇپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل «ۋىرۇسنىڭ گېرمانىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكى» نى ئۇقتۇرۇش قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گېرمانىيەدە 70 پىرسەنت ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكادا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1000 دىن ئاشقان بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئىتالىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئىران قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جىددىي كۆپىيىۋاتقانلىقى، ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۈگۈنكى باياناتىدا كورونا ۋىرۇسىنى «دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەت» دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ دۇنيا مىقياسىدا تىز سۈرئەتتە يامراۋاتقان، بىر قىسىم دۆلەتلەر «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى، «يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار يوق» دەپ ئېلان قېلىنىشى گۇمان قوزغىماقتا. بەزى سىياسىي ئەربابلار خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ئاشكارىلاۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

25-فېۋرال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينى «ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولغان،» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت