ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ نامى ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولدى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتايغا ۋە دۇنياغا تارالغان تاجسىمان ۋىرۇس ئوخشاش بولمىغان نام بىلەن ئاتىلىپ كەلدى.

بۇ ۋىرۇس دەسلەپتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن زۇكامى» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ ۋابانىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ بۇ ۋىرۇسنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن تېخىچە چىقمىدى،» دېدى. ئۇ يەنە بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان مەتبۇئاتلارنى ئەيىبلىدى.

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ 11-مارتتىكى نۇتقىدا بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەڭ دەسلەپ خىتايدا پەيدا بولۇپ، ئاندىن پۈتۈن دۇنياغا تارالغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. پرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان قوللىغۇچىسىنىڭ تىۋىتتىنى ھەمبەھىرلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئامېرىكاغا دۆڭگەشكە ئۇرۇنغان. ئۇ قولىدا ھېچقانداق پاكىت بولمىغان بىر ئەھۋالدا بۇنى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ۋۇخەنگە ئېلىپ كەلگەنلىك مۇمكىنچىلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ۋىرۇسنىڭ نامىنى ئۇ ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان ۋۇخەننى ئاساس قىلماي، ئۇنىڭغا پەقەت 2019‏‏-يىللىق تاجسىمان ۋىرۇس دەپ نام بەرگەن.