خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس ئەھۋالىنى غەرەزلىك يوشۇرغانلىقى ئاشكارا بولدى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا مىسلىسىز ئاپەت ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ئەھۋالىنى يوشۇرۇش قىلمىشىنىڭ بۇنىڭدا بەكمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ «دۇنيا ئۈچۈن ۋىرۇسنى توسۇپ قۇربانلىق بەرگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىپ، «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلدىن ئىزدەش» بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى.

CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 1-دېكابىردا ئېلان قىلغان زور ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇرمىلاپ، دۇنياغا يالغان مەلۇمات يەتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

بۇ دوكلات مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا بولۇپ كەتكەن ئىچكىي ھۆججەتلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، تاجىسىمان ۋىرۇسى ۋۇخەندە شىددەت بىلەن يامراۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنى غەرەزلىك ھالدا ئازايتىپ مەلۇم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ۋىرۇسنى ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىكەن، دەپ ئويلاپ قالغان. يەنە كېلىپ ۋىرۇس دەسلەپ بايقالغان ۋاقىتلاردا يۇقۇمدارلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى 23 كۈندە چىقىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئېغىر خاتالىق بولۇش سەۋەبىدىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغان نۇرغۇن كىشىلەر «ۋىرۇس يوق» دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. مەبلەغ ۋە خادىم يېتىشمەسلىك، ئەخلاقىي تۇيغۇنىڭ كەمچىللىكى ۋە بىيۇكراتلىق سەۋەبىدىن ۋىرۇس ھەققىدە مەيلى خىتاينىڭ ئۆزىدە ياكى خەلقئارا جامائەتكە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئىمكانى بولمىغان. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت ۋىرۇسنىڭ تارقالغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغۇچە بولغان بىرنەچچە ئاي ئارىلىقتا ۋىرۇس توسقۇنسىز تارقىلىۋەرگەن.

بۇ قېتمقى دوكلاتتا نەقىل كەلتۈرۈلگەن خىتاينىڭ ئىچكىي ھۆججەتلىرى نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋىرۇسنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما «مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار» نىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ خەۋەرلەرنى بېسىپ قويغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان. 2019-يىلى 1-دېكابىر كۈنى ۋۇخەن شەھرىدە تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى بىمارغا دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاشكارا بولۇشى نەچچە ئايدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان.