خىتاي-ۋيېتنام ئارىسىدىكى سۆھبەتتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنى ۋيېتنامغا ئەۋەتىپ دېڭىز مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن بولسىمۇ، سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغان.

چارشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتكە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تاشقى ئىشلار رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇدىرى ياڭ جيېچى قاتناشقان.

ياڭ جيېچى خىتاي ۋيېتنام ئۆزىنىڭ، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىگە نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى ئورنىتىشنى باشلىغاندىن بۇيان ۋيېتنامغا كېلىپ مەزكۇر مەسىلىنى سۆزلەشكەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى.

خىتاي بىر نەچچە ھەپتە ئاۋۋال جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىشتىكى قىسمىغا بىر نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى ياشاشنى باشلاپ ۋيېتنامنىڭ قاتتىق نازلىقىنى قوزغىغان.

شۇندىن بېرى ئىككى تەرەپ كېمىلىرى خىتاي قۇرۇۋاتقان نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى ئەتراپىدا كۆپ قېتىم سۈركىلىشكەن.

خىتاي ۋە ۋيېتنام ئارىسىدا بۇ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن خەۋەردار بىر ۋيېتنام ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋيېتنام مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فام بىن مىھ بىلەن ياڭ جيېچى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ ۋيېتنامدىن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ۋيېتنام تەرەپ خىتايدىن نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسىنى يۆتكەپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى بۇ نۆۋەتلىك سوھىبەتتە ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ گېپىنى يېمىگەن.