يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ رومانلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان

يېقىندا يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش»، «ئالتۇن كەش» قاتارلىق رومانلىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈۋاتقان بەس-مۇنازىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خالىدە ئىسرائىلنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «كەچمىش» ناملىق رومانى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان رومانچىلىقىدىكى بىر يۇقىرى پەللىنى ياراتقان.

رومان نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېتىلىپ تۈگىگەن، ئۇنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نەشرىمۇ بەس-بەستە سېتىلغان. تور بەتلەردە مەزكۇر رومان ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر ئايلارچە داۋام قىلغان.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ تېخى يېقىندا يورۇق كۆرگەن ئەڭ يېڭى رومانى «ئالتۇن كەش» مۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور بەتلىرىدە يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا ۋە بەس-مۇنازىرە قوزغىغانلىقى مەلۇم.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش» رومانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئائىلە تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى جەمئىيەت تارىخى بىلەن ئورگانىك ھالدا يۇغۇرۇپ، يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «ئالتۇن كەش» رومانىدىمۇ تارىخىي تۇيغۇ بىلەن رىۋايەتلىك بايان ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم.