«ئوتتۇرا شەرق كۆزنىكى» خاقان فىداننىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇپىيانە لوبىچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.06.07

«ئوتتۇرا-شەرق كۆزنىكى» گېزىتى 3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ خىتايدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن خۇپىيانە لوبىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرلەردە، خاقان فىداننىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خاقان فىدان ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى پەرقلىق ئىنكاسلارنى قوزغىغان بۇ قېتىملىق زىيارەتتە، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇ، بۇ زىيارەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى مەركىزى بولغان، لېكىن يېقىنقى يىللاردا خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئېقىنىغا ئۇچراپ، مەدەنىيەت ۋە نوپۇسى قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ، تۈركىي خەلقلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم ئىككى يۇرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

«ئوتتۇرا-شەرق كۆزنىكى» نىڭ 6-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى تۈرك دىپلوماتى بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئەنقەرەنىڭ بېيجىڭغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، بۇ ئىككى دىپلوماتنىڭ «بىز مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت بېغىمىز بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتۇق» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەردە يەنە بۇ ئىككى دىپلوماتىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان: «بىز ئۇلارغا، بىلەمسىلەر، تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش مەسىلىسىگە قارىتا ئىنتايىن سەزگۈر، دەپ كۆرسەتتۇق.»

خەۋەردە بۇ دىپلوماتلارنىڭ يەنە «بىز ئۇلارغا تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىسىنى تۈگىتىشنىڭ كۆپچىلىككە زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق، بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشنى ئۆزگەرتىش پەقەت خىتاينىڭ باسقان قەدەملىرى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خاقان فىدان بۇ قېتىملىق زىيارەتتە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ، خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چىن ۋېنچياڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ھالبۇكى، بىر تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارەتتە خىتاي دىكتاتورلۇق ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرىدىغان چىن ۋېنچياڭ بىلەن كۆرۈشۈشى «غەيرىي نورماللىق» دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.