د ئۇ ق: دۇنيانى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىققا دەۋەت قىلىمىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.21

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىققا دەۋەت قىلدى.

قۇرۇلتاي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى قوش تىل مائارىپى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قېقىش ۋە ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بولۇپ كەلگەنلىكى، بۇلتۇردىن باشلاپ بولسا ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكى ئەسلىتىلدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان مەكتەپلەردە مەيلى دەرسخانا، مەيلى مەكتەپ قورۇسىدا بولسۇن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش مەزكۇر باياناتتا پاكىت سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى. باياناتتا خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار ماددىلار ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش جەھەتتە پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجراھاتلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1952-يىلى پاكىستان ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بېنگالدا ئانا تىل ھەرىكىتى باشلانغان ؛ بۇ ھەرىكەت بېنگالنىڭ مۇستەقىللىقىغا تۈرتكە بولغان؛ 1999-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، مەزكۇر ھەرىكەتنى خاتىرىلەش ۋە دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ھەققى بارلىقىنى دۇنيا جامائىتىگە خاتىرىلىتىش ئۈچۈن 21-فېۋرال كۈنىنى خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى دەپ ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.