«خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، يەر شارىدا ھەر ئۈچ ئايالنىڭ بىرى دېگۈدەك ئۆمرىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم جورىسى ياكى ھەمراھى تەرىپىدىن جىسمانىي ياكى جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچرىماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى «خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى قىز-ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

ب د ت نىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «قىز-ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق دۇنيادا كەڭ كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، يەر شارىدا ھەر ئۈچ ئايالنىڭ بىرى دېگۈدەك ئۆمرىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم جورىسى ياكى ھەمراھى تەرىپىدىن جىسمانىي ياكى جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچرىماقتا. 2024-يىلى دۇنيادا كەم دېگەندە 51 مىڭدىن كۆپرەك ئايال جىنسىي زوراۋانلىق ئاساس قىلىنغان زىيانكەشلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن، يەنى ھەر 10 مىنۇتتا بىردىن ئايال ئۆلتۈرۈلگەن. شۇڭا جىنايەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، بىخەتەر بولغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇپ، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك» .

 ئاۋسترالىيە لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى پېتىر داتتون (Peter Dutton) «خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن X تە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خەلقئارادا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كېرەكلىك خىزمەتلەرنى قىلىشمىز شەرت. بۇ بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. ھەممىمىز ھەر بىر ئايالنىڭ قورقۇنچ ۋە زىيان-زەخمەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك».

خىتاي قىز-ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنقى ئۇرۇندىكى دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئاياللار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى، يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل تاراتقۇلاردا دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org