ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.11.10

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىقلار 10-نويابىر كۈنى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى. مەكتۇپتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش دىرېكتورى گاي رايدىر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ھازىر خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى ھەققىدە لام-جىم دېمەستىن سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى جىددىي سورىماقتا» دېدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بولسا «ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا بۇ قەدەر سۈكۈت قىلىشى پەقەتلا قاملاشمىغان ئىش» دېدى.

مەكتۇپتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، ئەمما نۆۋەتتە شۇنچە كۆپ پاكىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە ئەمدى داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرىۋالماسلىققا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.