خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان

خەلقئارادا خىتاينىڭ بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش، قۇللۇق ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇيۇقسىز ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زىيارەتتە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەمگەك ئۆلچىمى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى كورىن ۋارگا (Corinne Vargha) باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىلەن كۆرۈشكەن. لېكىن ئالدىنئالا ئېلان قىلىنمىغان بۇ تۇيۇقسىز زىيارەتنىڭ قانداق شەرتلەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ۋەكىللەرنىڭ رايوندىكى خالىغان بىر زاۋۇتنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشىغا يول قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بۇ زىيارەتنىڭ خەلقئارالىق ئەمگەك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ئادىل ۋە بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى، دىققەت قوزغىماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە دائىم تەكىتلەيدىغان غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ئاتالمىش «قارا سۈركەشلىرى» نى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان.

ما شىڭرۇي خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتايغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، قالايمىقان سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاتالمىش ​​‹مەجبۇرى ئەمگەك›مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى». ئۇ يەنە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە قارا سۈركىمەكتە، بۇنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭغا خالىغانچە ئېمبارگو يۈرگۈزمەكتە» دېگەن. ما شىڭرۇي گەرچە رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئەمگەك ئەمەلىيىتىدىن، بولۇپمۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان «كەسپىي تەربىيە» ئارقىلىق «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىدىن «چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.