خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن غايىب قازاق ئائىلىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.01.22

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 22-يانۋار جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە 2020-يىلى 8-ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان قازاق ئائىلىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چاقىرىقنامىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىن بولغان ۋەيلىنا مۇخاتاي ۋە ئۇنىڭ موھېيات خەلىيۇللا، پارىسات ھەلىيۇللا ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنىڭ 2020-يىلى 8-ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. بۇ ئائىلىدىكى 4 كىشى 2018-يىلى 3-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ۋەيلىنا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى 2019-يىلى قويۇپ بېرىلگەن، بىراق ئۇلارنىڭ دادىسى ھەلىيۇللا تۇرسۇن 2020-يىلى 12-ئايدا لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى قازاقىستاندا بولۇپ، ئۇنىڭ 2020-يىلى 8-ئايدىن بېرى ئانىسى ۋە ئىككى قېرىندىشى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلەرنى ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ چىغا خەت يېزىپ، ۋەيلىنا مۇخاتاي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قويۇپ بېرىشنى، ئەگەر ئۇلار خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان بىرەر قانۇنغا خىلاپلىق سادىر قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلدىن كېيىن قازاقلارغا تۇتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىمۇ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بەزى قازاقلار قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلەشكە باشلىغانىدى. بىراق فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلىگەن قازاقلاردىن قايشا ئاقان ئىسىملىك ئايال بىلەن مۇراگەر ئالىمولى ئىسىملىك ياش، 21-يانۋار قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا ۋە نۇرسۇلتان شەھەرلىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. خەۋەردە مۇراگېر ئالىموغلىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.