خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ پات يېقىندا ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن
2025.02.07
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياۋروپادىكى داڭلىق ماركا شىركەتلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن.
دانىيەنىڭ پىۋا ماركىسى بولغان كارلسبېرگ (CARLb.CO) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاكوب ئارۇپ-ئاندېرسېنىڭ «رويتېرس ئاگېنتلىقى» غا ئېيتىشىچە، بۇ پىۋا شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى بولغان خىتايدىكى سېتىش كۆلىمى بۇلتۇر 5 پىرسەنت ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ تۆۋەنلەشنىڭ بۇ يىلمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتىكەن. ئۇ سۆزىدە «بىز خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىمايمىز. بۇنداق دېيىشكە تېخى بالدۇر» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش، ياشلاردىكى ئىشسىزلىق، ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى قاتارلىقلار ئىستېمال تەلىپىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان. خەلقئارالىق شىركەتلەر بۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى ۋە سودا جازاسى تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىنى قوشقاندا، خىتاي بازىرىنىڭ ئالدىراپ ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھەر خىل ماركا شىركەتلىرى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستېمالدا ئېشىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق فىرانسىيەنىڭ پېرنود رىكارد (PERP.PA) ناملىق ئۈزۈم ھارىقى شىركىتى «دەسلەپكى ئالامەتلەر بۇ بايرامنىڭمۇ سېتىشلارنىڭ ئارتىشىغا بەك پايدىسى بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.
مەزكۇر شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يېرىم يىلدا %25 تۆۋەنلىگەن بولسا، ئامېرىكىدا%7 تۆۋەنلىگەن ئىكەن.
داڭلىق گىرىم بۇيۇملىرى ماگناتى L'Oreal (OREP.PA) بولسا خىتايدىكى سېتىش رەقەملىرىگە ئائىت دوكلاتنى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلان قىلىدىكەن. كانادانىڭ داڭلىق غاز پېيى بىلەن ياسالغان قىشلىق كىيىم ماركىسى گۇس (GOOS.TO) مۇ ئوخشاشلا خىتايدىكى سېتىشلىرىنىڭ مۆلچەردىكى پەسىللىك كىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرسنىڭ دېيىشىچە، شاكىلاتتىن چىش پاستىسىغىچە بولغان بارلىق شىركەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدە چاقىرىلغان تۆتىنچى پەسىللىك كىرىم مۇزاكىرە يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ قىسقا مۇددەتتە ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراقلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ يۇقىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى باشقا ياقلارغا بۇرىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.