خەلقئارا سوت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-12-13
Share

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلاشتى ئىلگىرى تېخىمۇ كۆپ ئىسپات تەلەپ قىلغان.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ يۇقىرىقى قارارى بۇ دەۋانى سۇنغان ئادۋوكاتلارغا يەتكۈزۈلگەن ۋە ئۇلارغا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى كاپالەتكە ئېگە قىلىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىشىچە، قوشۇمچە دەلىل-ئىسپاتلار ئاللىبۇرۇن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى دەلىل-ئىسپات توپلاش ئىشلىرى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن.

6-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى بىرلىكتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنغان ئىدى.

بۇ ئەرزنى تۇتقان ئادۋوكاتلار بۇ ھەپتە سوت مەھكىمىسىگە بەزى تولۇقلىما ماتېرىياللارنى تاپشۇرغان.

خەلقئارا سوت 14-دېكابىردىن 16-دېكابىرغىچە گوللاندىيەنىڭ گاگادا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ مەجلىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە قارار ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت