خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-14
Share

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سۇنغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىش ئىشخانىسى 14-دېكابىر ئەرزنامىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتالغان ئورۇن بۇ 7-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلىپ، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، ئاياللارغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر زور مىقداردا دەلىللەرنى سۇنغان.

لېكىن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، تەپتىش ئەمەلدارى فاتوۋ بانسودانىڭ ئىشخانىسى ئەرزگە قارىتا ھەرىكەت قوللانمىغانلىقى، «چۈنكى ئەرزدىكى قىلمىشلارنىڭ خىتاي زېمىنىدا يۈز بەرگەنلىكى»، «خىتاينىڭ مەركىزى گائاگادىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىمزا قويغان دۆلەت ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن. بانسودانىڭ ئىشخانىسى يىللىق دوكلاتىدا: «ئەرزنامىدىكى كۆپ قىسىم جىنايەت سوتنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىدىكى تېررىتورىيەلىك ئالدىنقى شەرتكە چۈشمەيدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىكىستان ۋە كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىغا دائىر ئايرىم تەلەپلەرمۇ «بۇ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشقا ئاساس بولالمايدىكەن». لېكىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ئۇنىڭ «يېڭى دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا قارارىنى قايتا ئويلىشىشى» نى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارى خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن قاراش بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا چىقىرىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت