دىلشات رىشىت: «گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە پرېزىدېنتى گائۇكنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پرېزىدېنت گائوكتىن بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيە پرېزىدېنتى يوئاچىم گائۇك 20-مارت خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گائۇك 21-مارت كەچقۇرۇن خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى خىتاي ئادۋوكاتلارنى گائۇك بىلەن كۆرۈشۈشتىن توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرسىتىشنىلا خالىغان نەرسىلەر بىلەنلا بولدى قىلمايدىغانلىقىمنى گېرمانىيە پۇقرالىرى بىلىش كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ گېرمانىيە پرېزىدېنتىدىن كۈتىدىغانلىرى ھەققىدە توختالغان دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلىرىمىز تۈرمىدە ياتماقتا. بىز گائوكنىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت پرېزىدېنتى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بۇ مەسىلىلەرگە جىددىي قارىشىنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

گائۇك خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى گېرمانىيە پرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى گائۇكنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى قويمىغانلىقى تېخى نامەلۇم.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org